خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىنىڭ بەيگە مەيدانى يولىدا قاتناشنى توختاتتى

خىتاي دائىرىلىرى "5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان جايلاردىن بىرى بولغان ئۈرۈمچى بەيگە مەيدانى يولىدا 5 ‏ - ئاينىڭ 27 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ قاتناش توختايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەرلىك دائىرىلەر بۇ جايدا يەر ئاستى پار تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بەيگە مەيدانى يولىدا 35 كۈن قاتناش توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە يەر ئاستى پار تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ نېمە مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ بەيگە مەيدانىدىكى ئۆيلەرنى چېقىپ، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ جايغا بىنا سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بەيگە مەيدانى خىتاي ھۆكۈمىتى "5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دە نۇقتىلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دائىرىلەر 5‏ - ئىيۇل كېچىسى بەيگە مەيدانىدا ئولتۇرىدىغان 12 ياشتىن 50 ياشقىچە بارلىق ئەركەكلەرنى تۇتقۇن قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بەيگە مەيدانىدىكى مەھەللىلەردە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

تولۇق بەت