ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش داۋام قىلماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى جايلاردا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.29

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ ئەتراپى ۋە خەلقئارالىق چوڭ بازار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن. ۋەقەنى ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ دىلشات رىشىتقا بىلدۈرۈشىچە، 400 گە يېقىن قوراللىق ساقچى چوڭ بازارنى سىرتتىن قورشاۋغا ئالغان؛ 50 كە يېقىن ساقچى چوڭ بازارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر قەۋەتكە بۆلۈنۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە نازارەت قىلغان.

بۈگۈنكى تەكشۈرۈش داۋامىدا 3 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. بۇ قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان جايلاردا، بۇلتۇرقى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دۇكاندارلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن؛ مەزكۇر جايلار يەنە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر رايونلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا باشلانغان؛ سائەت ئىككى - ئۈچ ئەتراپىدا تەكشۈرۈش كەيپىياتىدىكى جىددىيچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىققان. ئەمما دۆڭكۆۋرۈكتىكى تەكشۈرۈشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ياكى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.