ئۈرۈمچىدە 2010 - يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈن سوراق جەريانىنى سىنئالغۇغا ئېلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2010 - يىلى يىل ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تەۋە بولغان ھەر قايسى ئەترەتلەر، ساقچىخانىلار، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، زەھەر چەكلەش ئورۇنلىرى، رازۋېدكا ئىدارىلىرى قاتارلىق ھەر قايسى جايلاردا جىنايەت گۇماندارلىرىنى سوراق قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى سىنئالغۇغا ئېلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-05-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە بۇ بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىلىشىدىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ، پۈتۈن سوراق جەريانىنىڭ سىنئالغۇغا ئېلىنىشىنىڭ دېلولارنى پاش قىلىشقا قۇلايلىق يارىتىش ھەم جىنايەت گۇماندارى دەپ تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ سوراق جەريانىدىكى قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سوراق جەريانىدا تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، بۇلتۇر 5 - ئاي مەزگىلىدە يەكەن ناھىيىسىدىن دىلبەر توختى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە خەت يېزىپ ئېرى مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ساقچىخانىدا سوراق جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت