ئۈرۈمچىدە ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسى باشلاندى

2 - سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىمقىسى ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ 2 - قېتىملىقى بولۇپ، خىتاي ئۇچۇر مەنبەلىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.09.02


شىنخۇئانىڭ يېزىشىچە، ۋېن جاباۋ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىدە مۇقىم تىنچ ۋەزىيەتنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھەمدە «شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ ياۋرو - ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلىرى بىلەن، بولۇپمۇ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا پايدىلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدىكى كۆۋرۈك» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قانچە مەملىكەتلەردىن باشقا مەملىكەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئەۋەتمىگەن. پەقەت قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتانبايېف يىغىنغا قاتناشقان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك چەتئەل رەھبىرىدۇر.

يىغىندا ئاتانبايېف ۋە تاجىكىستان باش مىنىستىرى ئاقىلوف، قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف قاتارلىقلار سۆز قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن لى ۋېي قاتارلىقلار ئالاھىدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرگەن ھەم يېتەكچىلىك قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.