خىتاي دائىرىلىرى يەنە 5 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار كىشىلەردىن يەنە 5 كىشىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت خەلق مەھكىمىسى بۇ قېتىملىق سوتتا جەمئىي 13 كىشى ئۈستىدىن سوت ئاچقان بولۇپ، يەنە ئىككى كىشى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، قالغانلىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.12.03

جوڭگو خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىسملىرى مەمەتئېلى ئىسلام، مەمەتتۇرسۇن ھېلىم، مەمەتئېلى ئابدۇكېرىم، خېلىل سادىر ۋە قۇشمان قۇربان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ كىشىلەرنى 5 - ئىيۇل كۈنى ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئادەم ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش ۋە ئوت قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن بۇرۇنمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار 11 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلاردىن 9 نەپىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە شۇنىڭدەك خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۈستىدىن ئاچقان سوتلىرىنىڭ خەلقئارا سوت تەرتىپلىرىگە ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ سوت تەرتىپىگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، خىتاينى ئالدىراقسانلىق بىلەن كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.