ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھاياتى ۋە رولى تەسۋىرلىنىپ ئىشلەنگەن تور بەت خەۋىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.02.25
2010.02.25
مەزكۇر تور بەت خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھاياتى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئورنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ 7 - ئىيۇل كۈنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى، بۇرادەرلىرىنى، ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قانداق پىداكارلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ باشلىقى لىبى ليۇ رادىئومىزنىڭ بۇ خەۋەرنى ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى دۇنياغا نامايان قىلىش ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق رادىئومىزغا بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن مۇكاپات ھەيئىتىگىمۇ تەشەككۈر ئېيتتى.
"ئامېرىكا رادىئو - تېلېۋىزىيە گرەيسى ئاللېن مۇكاپاتى" ئامېرىكىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن ئىشلەنگەن رادىئو - تېلېۋزىيە پروگراممىلىرى ۋە ئاياللارنىڭ رادىئو - تېلېۋزىيە ساھەسىدە كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم باھالاپ تارقىتىلىدىغان مۇكاپات بولۇپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۇ مۇكاپاتنى، بۇ يىل 5 - ئايدا لوس - ئانجېلىستا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم بىلەن تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن.