ئۇيغۇر بوكسچىلىقىنىڭ بەرپاچىسى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر بوسكچىلىقىنىڭ بەرپاچىسى، ئاتاقلىق بوكس مەشقاۋۇلى، «شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى» نىڭ باشلىقى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت سەيشەنبە كۈنى ۋاپات بولۇپ، ئۇيغۇر بوكس ھەيرانلىرىنى ئېغىر مۇسىبەت ۋە چوڭقۇر قايغۇغا سالغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.23

ئۇ ئابدۇشۈكۈر مىجىت، ئابدۇراخمان ئابدۇرېشىت، نىجات ھۈسەن، ئەكرەم ئىسھاق، ئەكرەم بارات، ئەكبەر يۈسۈپ، مەمەت تۇرسۇن چوڭ، نەبى سەيدۇللا، زېبىبۇللا مەمەت، پەرھات ئابدۇكېرىم قاتارلىق بوكس ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازانغان ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر بوكسچىلىقىنىڭ خىتاي ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تونۇلۇشىدا زور رول ئوينىغان. ئاشقازان ئاستى بېزى راكى سەۋەبلىك ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ ۋاپاتى، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى قايغۇغا سالىدىغان، ئۇيغۇر بوكس تەنتەربىيىسىدىكى زور يوقىتىش خاراكتېرلىك مىللىي مۇسىبەت، دەپ قارالماقتا.

1958-يىلى تۇغۇلغان ئابلىكىم ئابدۇرېشىت، 1983‏-يىلى شىئەن تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان. ئۇ 1994‏-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى» نىڭ مەسئۇللۇقىنى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بېكەتلىرىدە زور ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، بىر ئىنكاسچى ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە «ئۇيغۇرلار مىللىي روھىيىتىنى تىرەپ تۇرۇۋاتقان بىر تۈۋرۈكتىن ئايرىلدى» دەپ يازغان. يەنە بىر ئىنكاسچى «باشقا ساھەلەردە بىرى كەتسە، يەنە بىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ ماڭىدىغانلار بار. بىراق ئابلىكىم ئاكىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭالايدىغانلار يوق دېيەرلىك» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.