ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى سودىسى 18 مىليارد دوللاردىن ئاشتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خەلقئارالىق توشۇش لىنىيىلىرى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئۇزۇن جايغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە، 105 خەلقئارالىق توشۇش لىنىيىسى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چەت ئەللەرنى ھەم باشقا جايلارنى سودا جەھەتتىن باغلاپ تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىڭ ئەتراپىدىكى 8 دۆلەتكە 29 ئېغىز ئېچىپ ئېكسپورت - ئىمپورت پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.30

شىنخۇئانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2008 - يىللىق ئېكسپورت - ئىمپورت ئومۇمى مىقدارى 18 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئېكسپورت سوممىسىلا 15 مىليارد 500 مىليون دوللاردىن ئاشقان. قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئالدىنقى بەش سودا شېرىكىدۇر. قازاقىستان بولسا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ رايوننى مۇھىم خەلقئارالىق سودا نۇقتىسى قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئىچكىرىدىكى زاۋۇت فابرىكىلار، شىركەتلەر كۆپلەپ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، ماكانلىشىش ھەمدە بۇ جاينىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر دىيارىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گازلىرى ۋە نېفىتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشنى مۇددىئا قىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.