ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى 2010‏ - يىللىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى جۈمە كۈنى 2010 ‏ - يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئېغىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-10-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5‏ - ئىيۇل ئۇيغۇر نامايىشى ۋە توقۇنۇشىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئۇچۇرنى مىسلىسىز دەرىجىدە كونترول قىلىپ، "شىنجاڭ خەلقى" ۋە تاشقى دۇنيانىڭ رايوندىن خەۋەر ئېلىشىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىشى كۈچەيتىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا يەنە، دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق سۆز ئەركىنلىكى، مۇستەقىل دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرغانلىقى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون مىقياسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك كونتروللۇققا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دائىرىلەرنىڭ رايوندا قاناتيايدۇرغان بىخەتەرلىك ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 5‏ - ئىيۇل نامايىشى ۋە توقۇنۇشىدا تۇتقۇن قىلىنغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەسلىكىنى، "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىلغانلارنى سوتلاش ئىشىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ۋە قانۇن - قائىدە بويىچە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دائىرىلەرنىڭ "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەركىن پىكىر قىلىشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇر تور خىزمەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ھەم تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 2010 ‏ - يىلى 5 ‏ - ئايدا "‏‏‏‏شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" چاقىرىپ، رايوننىڭ ئىقتىسادى، سىياسى تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى، يەرلىك ئاپتونومىيە ۋە شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا قارىماي، ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدىغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى داۋاملىق يولغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان شىددەتلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى رايوندىكى مەكتەپلەردىن چەتكە قېقىش ئارقىلىق خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

340 بەتلىك دوكلاتنىڭ 15 بېتى مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاجرىتىلغان بولۇپ، دوكلاتتا يەنە 2010 ‏ - يىلى تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ داۋاملىق ناچارلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
 
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت