ب د ت مۇتەخەسسىسى ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۈستىدىن روھىي قىيىن - قىستاق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىدىن Manfred Nowak، ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر ئاممىۋىي تەشكىلات تەرىپىدىن ئېچىلغان دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدىكى يىغىندا مەلۇمات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۈستىدىن تەن جازاسىدىن باشقا روھىي قىيىن-قىستاق جازاسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-06-22
Share

ئۇ سۆزىدە ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مەزكۇر تۈزۈمنىڭ تۈپ مەقسىتى، مەھبۇسلارنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش، ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇش ۋە قىلغان ئىشىغا توۋا قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
 
ئۇ خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىدا بەلگىلىك ئىسلاھاتلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، قىيىن-قىستاق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە روھىي قىيىن ‏- قسىتاق جازاسىنىڭ خىتايدا فالۇنگوڭچىلارغا، ئۇيغۇر رايونىدا بولسا، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا يۇرگۈزلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Manfred Nowak ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدا بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ يول قويماسلىقى ھەم مەھبۇسلارنىڭ جاۋاب بېرىشكە پېتىنالماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە يەنە بىر قىسىم كېرەكلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.