ئۇيغۇر ئېلى يادىكارلىقلىرى قويۇلغان كۆرگەزمە ئامېرىكىدا ئېچىلىدۇ

ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك يادىكارلىقلار قويۇلغان "يىپەك يولى سىرلىرى" ناملىق كۆرگەزمە كېلەر يىلى يانۋاردا ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا ئېچىلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىن چىقىدىغان "يەرشارى ۋاقىت گېزىتى"دە كۆرسىتىشىچە، كۆرگەزمە 2011 - يىلى 20 - يانۋار تېكساس شتاتى ھيۇستون شەھەرلىك پەن -تېخنىكا مۇزېيىدا ئېچىلىدىكەن.

كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى رايونلۇق مۇزېيدىن ئېلىپ كېلىنگەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بەزى قېزىلمىلار 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنى "يىپەك يولى" ئاسارە - ئەتىقىلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ۋە ئىككى مەدەنىيەت ئارىسىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كۆرگەزمىنىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان پەيتلەردە ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىدا يەنە نېمە مەقسەتلەرنىڭ بارلىقى ھازىرچە نامەلۇم. خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان ئاسارە - ئەتىقىلەرنى دائىم سىياسىي مەقسەتتە ئۆزگەرتكەن ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخىنى بۇرمىلاپ كەلگەن ئىدى.


تولۇق بەت