ئۇيغۇر رايونىدا چېگرا بويلىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلمەكچى

تەڭرىتاغ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 11 ‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 17 ‏- يىغىنىدا چېگرا باشقۇرۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قاراپ چىقىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-04-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لايىھىدە، چېگرا لىنىيەلىرى يېنىدا چېگرا مۇداپىئە ۋە پورت ئەسلىھەلىرىدىن باشقا، مەڭگۆلۈك ئىمارەت سېلىشنى قەتئىي چەكلەش ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاش تەلەپ قىلىنغان. لايىھەدە يەنە چېگرا باشقۇرۇش رايونىدا قونغۇچىلار 24 ئىچىدە ئۆزىنى تىزىملىتىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.

چېگرا بويلىرىدا كان قېزىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، شۇ جايدىكى چېگرا مۇداپىئە تارمىقىغا دەرھال تىزىملىتىش كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن.

لايىھەدىكى بەلگىلىمىلەردە مەزمۇن جەھەتتىن چوڭ يېڭىلىقلار مەۋجۇت ئەمەس. لايىھەدىن پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ بۇندىن كېيىن چېگرا باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

چېگرا بويلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى ياكى نۆۋەتتىكى سىياسىي مۇقىملىقنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكى خەۋەردە ئەسكەرتىلمىگەن. ئەگەر رايوندا ئىنتېرنېت قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ھازىرغىچە چەكلىنىۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇلسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ چېگرادىن قېچىش ياكى چېگرادىن سىڭىپ كىرىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بايقالماقتا.

تولۇق بەت