ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 12 ناھىيە 90 يېزىسىدا قار ئاپىتى يۈز بەردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.01.13
2010.01.13
بۇ ئاپەت ئاساسەن ئالتاي، چۆچەك، ئىلى ۋېلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن. خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ جايلاردا ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنى ياساش بىلەن بىرگە، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ئۇزۇق - تۈلۈك، ئەدىيال، پاختىلىق كىيىم يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.
ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى 'ئاپەت يۈز بەردى' دېگەن يۇقىرىقى جايلارنىڭ ھەممىسى، خىتاي 'ئاز سانلىق مىللەت' دەپ ئاتايدىغان خەلق تۇرىدىغان، خىتاي پەقەت باجنىلا ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا تەرەققى قىلدۇرۇش مەبلىغى قالدۇرماي كېلىۋاتقان، يەنى تەرەققى قىلىشىنى چەكلەيدىغان سىياسەت قوللىنىۋاتقان جايلار.