ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم تاقىۋېتىلگەن تور بەتلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى

خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تاقىۋەتكەن بىر قىسىم تور بەتلىرىنى ئېچىشقا باشلىدى. تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە خەۋەر تۆرىلىرى 10 - يانۋاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە چەكلىك دائىرىدە ئېچىلىشقا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-01-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن.

خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون، "خەلق تورى" ۋە "شىنخۇا تورى" نى 10 - يانۋاردىن باشلاپ ئېچىشىنى قارار قىلدى".

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە يەنە، ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە تۇرۇپ، "شىنلاڭ تورى" ۋە خىتايچە "ئىزدەش تورى" نى ئېچىشقا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خەۋەردە يەنە "تەڭرىتاغ تورىنىڭ" ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە بەتلىرىنىڭ خىتاي سىرتىدىمۇ ئېچىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ سىناپ كۆرۈشى نەتىجىسىدە، خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىدا ئىلگىرى سۈرگەن خەۋەرلەر دەلىللەندى.

خىتاي دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت ئۇلۇنىشىنى ئۈزۈۋەتكەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇرۇلىدىغان خەلقئارالىق تېلېفونلارنى چەكلىگەن ئىدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى قانلىق باستۇرۇشتەك جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت