مارت ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالى يەنە بىر قېتىم شىۋىرغانلىق قار ئاپىتىگە ئۇچرىدى

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل قىش پەسلىدە، غەربىي سىبىرىيىنىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ، 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قار ئاپىتى يۈز بېرىپ ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان بولغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-03-01
Share

ھاۋا رايى ئىدارىلىرىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە 3 - ئاي كىرگەن بولسىمۇ، 1 - مارتتىن 4 - مارتقىچە بولغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالى قىسمى ئۈزلۈكسىز ھالدا شىۋىرغانلىق قار ئاپىتىگە ئۇچرايدىكەن. ئالتاي رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 35 گرادۇسقا چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا قېلىن قار ياققان، ئىلى ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدىكى تۆمۈر كان رايونىدا قار كۆچۈپ كان رايونىدىكى 30 نەچچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 28 - فېۋرال كۈنى 29 ئادەم تىك ئۇچار ئارقىلىق قۇتقۇزىۋېلىنغان، رايوندىكى چارۋىچىلارنىڭ ئەھۋالى بولسا ئېنىق ئەمەس ئىكەن. 28 - فېۋرال كۈنى يەنە ئۈرۈمچى - چۆچەك يولىدىكى شامال ئۆتەڭ دەپ ئاتىلىدىغان رايوندا 9 بالدىن يۇقىرى بوران چىقىپ، شىۋىرغانلىق قار ئاپىتى يۈز بېرىپ قاتناش لىنىيىسى ئېتىلىپ قالغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل قىش پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە قار ئاپىتى ئېغىر بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە 31 ناھىيە، شەھەر ئاپەتكە ئۇچرىغان، ھازىرغىچە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 640 مىليون يۈەنگە يەتكەن. نۆۋەتتە ئەتىيازدا يۈز بېرىدىغان كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يەنىمۇ ئېغىر بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەمما مۇشۇنداق ئېغىر تەبىئىي ئاپەت شارائىتىدىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى "مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا" تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھازىر پۇقرالارنى ئاپەتتىن قانداق قۇتقۇزۇش ئەمەس، بەلكى رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قانداق ساقلاش غېمىدە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.