خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تور بەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، 14 ‏- مايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىلى تەۋەسىدە تور بەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.05.14

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى بولسا بۇ قارارنىڭ "ئەستايىدىل تەتقىق " قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن دائىرىلەر باياناتتا يەنە پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، توردا "زىيانلىق ئۇچۇر تارقاتقان" كىشىلەرنىڭ "قانۇن بويىچە جازالىنىدىغانلىقى" نى ھەم "قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار " نى مەلۇم قىلىدىغان پاش قىلىش تېلېفونى ھەم ئادرېسىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر قارارى ۋاشىنگتوندا ئىككى كۈنلۈك ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاخىرقى كۈنى ئېلان قىلىندى.

ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى بۇ قېتىمقى دىئالوگدىكى مۇھىم مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدىكى تورلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن "دىيارىم"، شەبنەم"، " سەلكىن" تورىغا ئوخشاش تور بەتلەر يەنىلا ئېچىلمىدى. مەزكۇر تور بەتلىرىنىڭ بىر قىسىم تور ساھىبى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.