ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 21 ئورۇندا كان بايلىقى زاپىسى تېپىلدى
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كان بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى قىدىرىش خىزمەتلىرىنى كۈچەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ كىرىشى بىلەن يېڭىدىن بايقالغان كان ئورۇنلىرىنى ئېچىش خىزمىتىگە كىرىشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كان بايلىقلىرى ئاساسەن تۆمۈر، مىس ۋە ئالتۇن قاتارلىق مېتاللاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ سىرتىدا يەنە ئىلى ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە، قورغاس قاتارلىق ناھىيىلىرىدىمۇ مول كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە كان ئورۇنلىرى بايقالغان.
ئۇيغۇر ئېلى مول كان بايلىقىغا ئىگە رايون بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 138 خىل ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە 10 خىل مەھسۇلات زاپاس مىقدارى جەھەتتە خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، 58 خىل مەھسۇلات بولسا ئالدىنقى 10 قاتاردا تۇرىدۇ.
نېفىتنىڭ زاپاس مىقدارى بولسا پۈتۈن خىتاينىڭ نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتىنى، تەبىئىي گاز 34 پىرسەنتىنى، كۆمۈر 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بايقالغان بۇنداق تەبىئىي بايلىقلاردىن يەرلىك خەلقلەر پايدا كۆرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ كان بايلىقلىرىنى قالايمىقان ئېچىش، قالايمىقان بوز يەر ئېچىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت قوغداش تەدبىرلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلماقتا.