خىتاي تۇرپان قاتارلىق جايلاردا 190 مىليارد توننا كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن، بىر يىلدىن بۇيان تۇرپان، قومۇل، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا زاپىسى تېخىمۇ مول كۆمۆر كانلىرىنى تاپقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ 'غەرب كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش بازىسى' ھازىر يەنە 190 مىلياردا توننا كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.11.14

خەۋەر ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھازرغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، سرتتىن كىرگۈزگەن مەبلەغ بىلەن 200 دىن ئارتۇق شىركەت ئارقىلىق كۆمۈر قېزىۋاتقان، پەقەت قۇمۇلدىنلا ھەر يىلى 45 مىليون توننا كۆمۈر قېزىپ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئەمدى، يەنە بىر گەنسۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى بىلەن تۇرپان - توقسۇن - قۇمۇل كۆمۈر كېنى، شەرقىي جوڭغارىيە كۆمۆر كېنى، غۇلجا كۆمۈر كېنىدىن ئىبارەت 3 چوڭ كۆمۈرلىكتىن سرتقا كۆمۈر يۆتكەشكە باشلايدىكەن.

2020‏ - يىلىغا بارغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قېزىۋالىدىغان كۆمۈر مېقتارىنى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كۆمۈر مېقتارىدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرىدىكەن.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.