2010 ‏ - يىلى ئۇيغۇر ئېلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 226 مىليون توننىغا يېتىدۇ

خىتاي كۆمۈركان دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلدە 2010 - يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. "خىتاي بىلىملىرى" تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆمۈركان باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل يەنە چوڭ ‏ - كىچىك139 كۆمۈر كان ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.24

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە مەزكۇر كۆمۈر كان قۇرۇش پىلانى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ كانلار 65 ئورۇندا ئېچىلىدىكەن.

ئەگەر مەزكۇر كانلار ئىشقا كىرىشتۇرۇلسە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2010 ‏ - يىلدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 226 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى كۆمۈر زاپسى 2.19 تىرىليون توننا بولۇپ، پۈتۈن خىتاي كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

خىتاي كۆمۈر قىدىرىپ تەكشۈرۈش دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ئويمانلىقىدىن خىتاينى يەنە يۈز يىل تەمىنلەشكە يېتىدىغان كۆمۈر زاپسى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.