ئۇيغۇر ئېلىدە ' ئاقما نوپۇسنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش' قاتارلىق چەكلەش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.22
2008.12.22
"شىنجاڭ ئامانلىق تورى" دا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى "ئاقما نوپۇسنى تىزىملاش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش" بەلگىلىمىلىرىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان .
مەزكۇر توردا 19 - دېكابىر بېرىلگەن خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، خوتەن ناھىيىسىدە يولغا قويۇلغان بۇ خىلىدىكى بەلگىلىمىلەردە: " خوتەن ناھىيىسىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاقما نوپۇسنىڭ ئىدىيىۋى مايىللىقىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، ئۆي ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرى ۋە ئاقما نوپۇس ئىشلىرى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش" قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.
بۇ خىلىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسى ئامانلىق تورىدىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كونكرېتنى بەلگىلىمىلەر يۇقىرىقىلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.
بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنى پەقەت يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىغىلا قاراتمىلىق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاققۇن خىتايلارغا ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نىزامنامىلىرىدىكى "پۇقرالاردا ئەركىن كۆچۈش ۋە ئەركىن ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بولۇش" ماددىلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى باستۇرۇش تۈسىنى ئالغان مەزكۇر سىياسەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.