خىتاي ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدە 'تۆتتە ئويلاپ ئىككىدە تەكشۈرۈش' دولقۇنى كۆتۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇرچە خەۋەر تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرى، بارلىق ساھەلىرىدە،ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن پەسىلدە باشلىغان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىي ھەرىكىتى يەنىمۇ يۇقىرى بېسىم بىلەن داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يوليورۇقى بىلەن دائىرىلەر نۆۋەتتە بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ،ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى " تۆت جەھەتتىن ئويلىشىپ، ئىككى جەھەتتە ئۆز ‏ - ئۆزىنى تەكشۈرۈش" كە قىستىماقتا ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.30

يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر ساھە ئاممىسى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئىدىيە شەكىللەندۈردۈممۇ ‏ - يوق، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تونۇپ يەتتىممۇ ‏ - يوق، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەزگۈرلۈكۈم كۈچلۈكمۇ ‏ - ئەمەسمۇ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتچىلەرگە يان بېسىش خاھىشىم بارمۇ ‏ - يوق دېگەن تەرەپلەردە ئويلىشىپ ئىپادە بىلدۈرگەندىن باشقا، ئۆزىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئاجىز تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈپ ئاشكارىلاش، سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە يېتەرسىز تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ جىددىي تۈزىتىشكە مەجبۇرلانماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۈگىنىشتىن قانچىلىك تەربىيە ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىل "تۆتتە ئويلىشىپ، ئىككىدە تەكشۈرۈش" پوزىتسىيىسى ئارقىلىق باھالايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.