ئۇيغۇر ئېلىدە بىر كۈن ئىچىدە كۆپ جايلاردا يەر تەۋرىدى

ئۇيغۇر ئېلى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 17 - فېۋرال كۈنى سەھەردە، قىزىلسۇنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە ھەمدە ئاقتۇ ناھىيىسىدە ئايرىم ‏ - ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم تۆت بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.02.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ھازىرچە مەزكۈر يەر تەۋرەشلەردە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق.

يەر تەۋرىگەن بۇ ناھىيىلەر پامىر ئېتىكىدىكى يەر تەۋرەش بەلۋېقىغا جايلاشقان قوشنا ناھىيىلەر بولۇپ،ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم يەر تەۋرىگەن. بۇ ئاي ئادەتتە مەزكۈر رايوندا يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى بىر قەدەر كۆپ كۈرۈلىدىغان مەزگىلدۇر.

ئۇلۇغچاتتا ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش 1970 ‏ - يىللاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش دەرىجىسى 6.8 بالغا يېتىپ يەرلىك ئاممىغا ھاياتى تەھدىت ئېلىپ كەلگەن ھەمدە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان سالغان.

بۈگۈن يەنە، چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ دۆربېلجىن ناھىيىسىدىمۇ 3.8 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، يەرلىك يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە 3.3 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشتىن 8 قېتىم، 4 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشتىن 4 قېتىم يۈز بەرگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبلىك يەر تەۋرەش ھادىسىلىرىمۇ كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، يەر ئاستى مەدەن بايلىقلىرىنىڭ پىلانسىز ئېچىلىشى، نېفىت بۇرغىلاش، سۇ مەنبەلىرىنىڭ خورىشى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ يەر تەۋرەشكە ئوخشاش ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت