دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى

خىتاي يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ بىر تەتقىقات ئورنى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق يىللىق ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنى قالايمىقان مەبلەغ سالماسلىق، شەھەرلىشىشنى باھانە قىلىپ، ئاشۇرۇپ مەبلەغ سالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.15

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2012‏-يىلى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۆلكىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت، گەنسۇ، يۈننەن قاتارلىق بىر قىسىم ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى داۋاملىق 12% ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئۆرلەپ ماڭغان.

دوكلاتتا، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى بۇ خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتنىڭ مەبلەغ سېلىشقا تايىنىپ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ خىل ئەھۋال 2013‏-يىلى يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012‏-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاز كەم 13% گە يېتىپ بارغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنىڭدا كۆمۈرچىلىك، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، كۆمۈر گاز ئىشلەپچىقىرىشىغا مەبلەغ سېلىش، يەر مۈلك ۋە كۆچمەن يۆتكەپ شەھەرلىشىشنى تېزلىتىش قاتارلىق ئامىللار ئاساسلىق رول ئوينىغان.

دوكلاتتا، بۇ خىل ئەھۋالغا دەرھال خاتىمە بېرىلمىسە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى داۋاملىق ئېشىپ بارىدىغانلىقى، ھازىر1.6 ترلىيۇن دوللارغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇتەخەسسىسلەر يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن «قەرەللىك بومبا» دەپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.