ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

31‏-يانۋار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدۇ.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.30

«خىتايدىكى قەرەللىك بومبا: خىتاي يېڭى رەھبەرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېتنىك كرىزىس» دېگەن تېمىدىكى مەزكۇر يىغىننى ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىدىغان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان.

مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جۇڭگودا رەھبەرلىك قاتلىمى ئالمىشىۋاتقان نازۇك مەزگىلدە، جۇڭگو ئۆزىنىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى رايونلاردا ئېتنىك كرىزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ مەسىلە كەلگۈسىدە بېيجىڭدىكى يېڭى رەھبەرلەر دۇچ كېلىدىغان زور رىقابەتلەرنىڭ بىرى.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە يۈز بەرگەن ئېتنىك تۇراقسىزلىق مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرگە جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتكە نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن سىگنال بەرگەن.

يىغىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پروگرامما مۇئاۋىن مەسئۇلى بۇچۇڭ شېرىن، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئېنخىباتۇ تۇغۇچۇق، جۇڭگو پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى قاتارلىق كىشىلەر دوكلات بېرىدۇ.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا «مىللىي سىياسەتتىكى ئەڭ زور مەسىلىلەر نېمە؟»، «بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھازىرقى ئېتنىك تۇراقسىزلىقلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟» قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.