10 يىل ئىچىدە تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنە بىر ھەسسە ئاشۇرۇلۇپ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىككە ئايلاندۇرۇلماقچى

خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن 4 يىلدىن بۇيان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، گاز توشۇش نىسبىتى 4 يىل ئىزچىل ھالدا يىلىغا 20 مىليون كۇب مېتىرلىق ئۆلچەمنى ساقلاپ قالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.01.09

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 7 - نويابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش دائىرىلىرى پەقەت ئۆتكەن يىلدىلا ئۇيغۇر ئېلىدە 3 ئورۇندا زور مىقداردا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت زاپىسى بايقىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى 497 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى بايقالغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپاسلىرى خىتاينىڭ "تارىم نېفىتلىكى شىركىتى" تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۇچا ناھىيىسى تەۋەسىدە، شىمالىي تارىم ۋە ئوتتۇرا تارىم ۋادىلىرىدا بايقالغان.

كۇچا ناھىيىسىدە بايقالغان نېفىتلىكنىڭ زاپاس مىقدارى ئەڭ زور ھەجىمدە ئىكەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي نېفىت تارماقلىرى 2010 - يىلىدا تارىم نېفىتلىكىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدىكەن. خىتاينىڭ تارىم نېفىتلىكى ھەققىدىكى پىلانلىرىغا ئاساسلانغاندا كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنە بىر ھەسسە ئاشۇرۇلۇپ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىككە ئايلاندۇرۇلىدىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى نېفىتلىكلىرىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىغا ۋە يەرلىكلەرنىڭ ھايات يولىغا تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ئىچىل نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.