خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئارتىسلىرىنى ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئويۇن قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىنكاس قوزغىدى

ئىككى كۈندىن بۇيان ھىندونېزىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلىنىڭ 8-ئاپرېل كۈنى ھىندونېزىيىدە 2 مەيدان ئويۇن قويغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلدى.

بۇنىڭ بىلەن 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ھىندونېزىيىدە تونۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ھىندونېزىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر ئوبيېكتىغا ئايلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇقام ئانسامبىلى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتى مەزگىلىدە، ھىندىستانغا كېلىپ ئويۇن قويغاندىن كېيىن، 8-ئاپرېل ھىندونېزىيىگە كېلىپ بۇ جايدا ئويۇن قويغان. ھىندونېزىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۆمەك 9-ئاپرېل كۈنى ھىندونېزىيىدىن ئايرىلىپ، غەربىي جەنۇبى ئاسىيادىكى برونې ھەم مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئويۇن قويۇشقا كەتكەن.

ھىندونېزىيىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندونېزىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيگەن. گەرچە ھازىرغا قەدەر ھىندونېزىيىدە تېخى ئۇيغۇر تەشكىلاتى قۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى مەزگىلىدە، ھىندونېزىيىدە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ھېسداشلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى قوزغالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا نەچچە مىڭلىغان ھىندونېزىيىلىك جاكارتادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم، غەربىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ھىندونېزىيە، مالايشىيا قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ بولمىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە مۇقام ئانسامبىلىنى ئەۋەتىپ ئويۇن قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۆزىنىڭ غەربىي جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىكەن.