1985- يىلىدىكى 12- دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا 25 يىل بولدى

12- دېكابىر، 1985- يىلى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ يىل مەزكۇر نامايىشقا 25 يىل توشتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010-12-13
Share

مەزكۇر نامايىش " 12 دېكابىر ھەرىكىتى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان "زور كۆلەملىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" دەپ قارالغان.

مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇلغان 10 ماددىلىق تەلەپنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىندى.
تەلەپلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش، مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش، لوپنۇردا يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى توختىتىش، ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەشكە خاتىمە بېرىش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى توختىتىش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىسىنى قوغداش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قوزغىغان مەزكۇر دېموكراتىك ھەرىكەت، 1989- يىلىدىكى " تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" دىن 4 يىل بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت