دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئورنىنى رېفېرېندۇم ئارقىلىق بەلگىلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋېرى: بۈگۈن خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدا، خىتاينىڭ يېڭى چېگرا پارتكوم باشلىقى جاڭ چۈنشەن قاغىلىق ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسەت قوللىنىشقا بولمايدۇ دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت باياناتىدا، جاڭ چۈنشەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ دەپ كۆرسەتتى ۋە جاڭ چۈنشەننىڭ بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت باياناتىدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىن، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھەققىدە رېفېرېندۇم (ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش) ئېلىپ بارىدىغان بىر قانۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ باياناتىدا، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى ھەققىدە ئومۇم خەلق ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئورنى بەلگىلىگەندە، ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردىن خالى بولۇش مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت