ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە زەربە بېرىش ۋاسىتىسى قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتايدا ئۇيغۇر بالىلارنى بۇلايدىغان جىنايى گۇرۇھلار پاش قىلىنىپ، 3 مىڭغا يېقىن گۇماندار قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكەتنى خىتاي شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە زەربە بېرىش ۋاسىتىسى قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 22-نويابىر ئاشكارىلىغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر بالىلارنى بۇلاپ قېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 12 جىنايەت گۇرۇھىنى پاش قىلغان ۋە 28 بالىنى قۇتقۇزغان.

بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە جەمئىي 2 مىڭ 749 گۇماندار قولغا ئېلىنغان، 2 مىڭ 274 بالا قۇتۇلدۇرۇلغان.

ھالبۇكى، ياۋروپادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەلقەم مەسىلىنىڭ بىر قېتىملىق «زەر بېرىش ھەرىكىتى» بىلەنلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەت جەريانىدا تۇتۇلغان گۇماندارلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلغان بالىلاردىن كۆپ بولۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. ئەمما دائىرىلەر بۇنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە نورمال تېرىچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغلايدىغان ۋاسىتە قىلىۋالماسلىقى كېرەك.

خىتاي دائىرىلىرى 2008-يىلىدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھايات كەچۈرۈشىنى قىيىنلاشتۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت