ئامېرىكىدىكى بىر خرىستىئان جەمئىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالىمجان ھىمىت قاتارلىقلارنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2008.12.19
2008.12.19
چاقىرىقنامىدا، جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى خەلقئارا بېسىمغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خرىستىئانلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بەزى كىشىلەردىن "شىنجاڭ" دائىرىلىرىنىڭ بۇ 3 كىشىنى قويۇپ بېرىش ياكى جازالاشنى مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە قارار قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
چاقىرىقنامىدا مۇنداق دەيدۇ: " شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئالىمجان ھىمىت، ئوسمان ئىمىن ۋە لو يەنچىلەرگە زور ھەقسىزلىق قىلدى. ئۇلار تۈرمىدە ھەقسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدى ۋە قانۇنى ھوقۇقى پەرۋاسىزلارچە دەپسەندە قىلىندى."
ئالىمجان ھىمىت قەشقەردىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىدىن بولۇپ، ئۇ 2008 - يىلى 1 - ئايدا خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. لېكىن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 5 - ئايدا پاكىت يېتەرسىزلىك سەۋەبىدىن ئۇنىڭ دېلوسىنى ج خ ئورگانلىرىغا قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئوسمان ئىمىن بولسا 2007 - يىلى 9 - ئايدا " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش"، " قانۇنسىز دىن ئۆزگەرتىش" بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2 يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
چاقىرىقنامىدا جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى باب فۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ 3 كىشىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، خىتاينى خرىستىئانلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان.









