ئۇيغۇر خىرستئان ئالىمجان ھېمىتقا يېپىق سوت ئېچىلغان

فرانسىيە ئاخباراتىنىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن " خرىستىئان دېنى تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللانغان" دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر خرىستىئان ئالىمجان ھىمىتقا، 28 - ئىيۇل كۈنى قەشقەردە يېپىق سوت ئېچىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.07.28

خەۋەردە ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئادۋوكاتى لياڭ شياۋجۇننىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىشىچە، سوت سەيشەنبە كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدە پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەتتا ئالىمجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىمۇ قاتناشتۇرۇلمىغان.

ئالىمجان ئادۋوكاتى ئارقىلىق سوتقا ئۈزىنىڭ گۇناھسىزلىقى ھەققىدىكى ئەرزىنى سۇنغان بولۇپ،سوت ئۈچ سائەت داۋام قىلغان بولسىمۇ قارار ئېلىنمىغان.

ئالىمجان ھىمىت ئەسلى چەتئەلدىكى مەلۇم بىر دىنىي شىركەتنىڭ خوتەندىكى بىر باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيتتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئۇنى "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت" ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ، 2008 ‏ - يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى قولغا ئالغان.

خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئادەتتىكى دېلولاردا مەلۇم بىر گۇماندارنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتى 48 سائەت بولۇپ، ساقچىلار 48 سائەت ئىچىدە گۇماندارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2008 - يىلى 5 - ئايدا پاكىت يېتەرسىزلىك سەۋەبىدىن ئۇنىڭ دېلوسىنى ج خ ئورگانلىرىغا قايتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.