ئىلھام توختى: ' ئۇيغۇربىز تور بېتى پات يېقىندا ئېچىلىدۇ'

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇربىز توربېتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى، فرانسىيە زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇربىز توربېتى تاقىۋېتىلگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن ئىلھام توختى رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، توربەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانۇنىي يول مېڭىۋاتقانلىقىنى، توربەتنىڭ يېقىنقى 1 - 2 كۈن ئىچىدە قايتا ئېچىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇربىز توربېتى 2006 ‏ - يىلىدىن باشلاپ ئېچىلغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ساندا ئابونېنت توپلىغان، خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە بولۇپ قوش تىللىق توربەتتۇر. نۆۋەتتە بۇ توربەت خىتايدىكى چوڭ توربەتلەردىن بىرى سانىلىدۇ.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر توربېتىنىڭ بېيجىڭدا ئىككى يەردە ئىشخانىسى، 8 نەپەر مائاشلىق خىزمەتچىسى، 70 نەچچە خالىسانە خىزمەتچىسى بار. توربەتنىڭ يىللىق چىقىمى 278 مىڭ يۈەن. ئىلھام توختى مەزكۇر توربەتنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر تۈركۈم ئويغانغان زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تەرەققىي قىلغانلىقىنى؛ بۇ توربەتنى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياشلارنىڭ، خەنزۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا، قانۇنىي ئويغىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇربىز تورىدىكى ماقالىلاردا ئەلۋەتتە تەنقىدىي ماقالىلار بارلىقىنى، ئەمما قانۇنغا خىلاپ ماقالىلار يوقلۇقىنى شۇڭا يېقىنقى 1 - 2 كۈن ۋاقىت ئىچىدە توربەتنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر بىز توربېتى، بۇ نۆۋەت، مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە 4 ‏- قېتىم تاقىلىشىدۇر. ئارقا - ئارقىدىن تاقىلىش، توربەتنىڭ ئېلان كىرىمىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. ئالدىنقى بىر قېتىملىق تاقىلىشتا، مەزكۇر توربەت، مەلۇم بىر ئېلان شىركىتىگە 320 مىڭ تۆلەم تۆلىگەن.

ئىلھام توختى بۇ توربەتكە ئۆزى ۋە سەپداشلىرىنىڭ كۆپ ئەجرى سىڭگەنلىكىنى، شۇڭا بارلىق ئىمكانلىرى بىلەن توربەتنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت