ئۇيغۇر تىلىنى بىلگەن خىتاي يازغۇچىسى ئۈچۈن مەخسۇس كۇتۇپخانا قۇرۇلماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ موللا بىلال نازىم، زۇنۇن قادىر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تېيىپجان ئېلىيۇپ، زوردۇن سابىر ۋە ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق نامايەندىلىرىدىن مەمتىمىن ھوشۇر شۇنىڭدەك روزى تەمبۇر، زىكرى ئەلپەتتا، ئابدۇۋەلى جارۇللا ۋە پاشا ئىشان قاتارلىق يۈزلىگەن ئەدىب ۋە مۇزىكانتلىرىنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن ئىلى دەريا ۋادىسىدا 60 - 70 - يىللاردا بىر مەزگىل ھايات كەچۈرۈپ، ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇر ھاياتى ھەققىدە ھېكايىلەر يازغان ئاتاقلىق خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭ ئۈچۈن مەخسۇس كۇتۇپخانا قۇرۇلماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.06.22


شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ۋاڭ مېڭ كۈتۈپخانىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ قۇرۇلۇش ۋاڭ مېڭ بىر مەزگىل ياشىغان غۇلجا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى بايانداي بازىرىدا قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر مەيدانى 5.5 مو، كۈتۈپخانىنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى 700 كۋادراتمېتىر كېلىدىكەن. بۇ جايغا ۋاڭ مېڭنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرى ۋە باشقا كىتابلار قويۇلۇپ، ئىلى ۋادىسىدىكى دېھقانلار كۈتۈپخانىسىغا ئايلاندۇرۇلىدىكەن.

داڭلىق خىتاي يازغۇچىلىرى ئىچىدە بىردىن بىر ئۇيغۇر تىلىنى بىلگەن ۋاڭ مېڭنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن مەخسۇس ياسىلىۋاتقان بۇ كۈتۈپخانا قۇرۇشنى خىتاي نەشرىيات شىركەتلەر گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نەشرىيات - ئاخبارات ئىدارىسى بىرلىكتە قارار قىلىپ مەبلەغ سالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.