جاڭ چۈنشەن ئىككى چوڭ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسەت قوللانمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىككى چوڭ يىغىندا مۇخبىرلار، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى چېگراغا قويغان ئەمەلدارى جاڭ چۈنشەننى توسۇۋېلىپ، قاغىلىق ۋەقەسى ھەققىدە سوئال سورىغاندا، جاڭ مۇخبىرلارغا، قاراقچىلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسەت قوللىنىشقا بولمايدۇ، دېگەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جاڭ چۈنشەن يەنە، قاغىلىق ۋەقەسى ئۈچ خىل كۈچلەرگە چېتىلىدۇ، دۇنيا تېررورچىلىرىغا چېتىلىدۇ، بۇ، دىنىي مەسىلە ئەمەس، مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ۋەقە يۈز بەرسە، بىرىنىمۇ قالدۇرماي رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرىمىز، دەپ جاكارلىغان.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، جاڭ چۈنشەن بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ قاتناش مىنىستىرى، خۇنەننىڭ ئۆلكە باشلىقى بولغان. ئۇ، 2010‏- يىلى، يېڭى چېگراغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانپەرۋەر سىياسەت قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئەمدى بۈگۈن ئۇ، ئۇيغۇرلارنى قاراقچى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىنسان دەپ ئاتىدى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسەت قوللانمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت