'ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھوقۇقلىرىنى قوللاش قانۇن لايىھىسى' قوللاشقا ئېرىشتى

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جەمىس مىكگوۋېن بۈگۈن 'ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھوقۇقلىرىنى قوللاش قانۇن لايىھىسى' نى دۆلەت مەجلىسىگە قويۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئەربابلارغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ئىلھام بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.11.17

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ئارى لېۋىن 'ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھوقۇقلىرىنى قوللاش لايىھىسى' دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى تەييارلاۋاتقان ئىدى. ھازىر دۆلەت مەجلىسىدە بۇ لايىھىنى قوللايدىغان ئەربابلار كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جەمىس مىكگوۋېننىڭ بۈگۈنكى خىتى، ھازىر بۇ 'ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھوقۇقلىرىنى قوللاش قانۇن لايىھىسى' دېگەن لايىھە، يەنى 953 - نۇمۇلۇق قارار لايىھە ئۈستىدە جىددىي ئىشلەۋاتقان ۋولف، دېلاخۇنت، سمىس، شاكاۋىسكى، ئېلسىون، موران قاتارلىق ئەربابلارغا يېزىلغان خەت بولۇپ، جەمىس ئەپەندى بۇ خېتىدە، 2009‏ - يىلى 7‏ - ئايدا نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، خىتايدا داۋاملىق مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراپ قولغا ئېلىنغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە 2010 ‏- يىلىدا ئادالەتسىز سوتلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىنى چۇقۇم سۈرۈشتۈرۈش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.