تيەنجىندە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

26 ‏- ماي كۈنى خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە يەرلىك خىتايلارنىڭ مەزكۇر شەھەردە ئاشخانا ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.05.28

ۋەقە تيەنجىندىكى ئۇيغۇرلار ئاچىدىغان "گوبى كاۋاپخانىسى"دا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئاشخانىنىڭ ئىچى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر خادىملاردىن ئاز دېگەندە 4 ئادەم ئېغىر يارىلانغان.

ئىگىلىشىمىزچە، "گوبى كاۋاپخانىسى"دىكى جېدەل - ماجىرا ئەسلى ئاشخانىغا تاماق يېگىلى كىرگەن خىتاي خېرىدارلار ئارىسىدا كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن جېدەل تېرىغۇچىلاردىن بىر تەرەپ ئادەم باشلاپ كېلىپ، جېدەلنى ئاجرىتىپ قويغان ئۇيغۇر ئاشخانا خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جېدەل تېرىغۇچى تەرەپنىڭ بۇ جەرياندا يەنە ئۇيغۇر ئاشخانا خادىملىرىغا ئاھانەت قىلغانلىقىنى، ئۇلارنى دىنىي ۋە كىشىلىك غۇرۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان يەرلىك ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنى كىملىك تەكشۈرۈش نامى ئاستىدا بىر كېچە سولاپ قويغان.

"5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا كىرىپ پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھادىسە بولۇپ قالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.