ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي 5.2 مىليارد دوللار قىممىتىدە كېلىشىم ئىمزالىدى

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ 6 - 7 - ئىيۇن كۈنلىرى خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ خۇلاىسىسى سۈپىتىدە خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان سودا - ئىقتىساد، مالىيە - پۇل مۇئامىلە قاتارلىق 40 تۈر بويىچە 5.2 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە كېلىشىم تۈزگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012-06-10
Share


پەرغانە تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسلام كەرىموف خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بىلەن سۆزلەشكەندە ئۆزبېكىستاننىڭ ختاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» گە زەربە بېرىش، بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدا خىتاي - قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكستان تۆمۈر يولىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياساپ پۈتتۈرۈش، ئۈرۈمچى - تاشكەنت ھاۋا يولىنى ئېچىش ھەمدە ئېنېرگىيە، نېفىت - خىمىيە، سودا - ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ھەم كېڭەيتىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

نۆۋەتتە، قازاقىستان خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئىككى دۆلەت سودىسى 20 مىليارد دوللار بولغان ئىدى. ئەمدى ئۆزبېكىستاننمۇ خىتاي بىلەن بولغان سودىنى كېڭەيتىشكە ئىنتىلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت