جالال ئابادتا يۈز بەرگەن ئېتىشىشتا 7 ئادەم ئۆلگەن
جالال ئابادتا 6 - ئاينىڭ 22 - 23 - كۈنلىرى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ 7 ئادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ك ك ب سى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن 10 يىللار بۇرۇن ئەل - قائىدىچىلەرگە باغلىنىدىغان ئۈزبېكستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلاتنىڭ كۆپ ئادىمى بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىپ ۋەقە پەيدا قىلىپ، ئەنجاندا ۋە خان ئابادتا ئۈزبېكستان ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ رايوندىكى قىرغىزىستاننىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى.
بۇ قېتىم جالائابادتا يۈز بەرگەن ئېتىشىش ۋەقەسى، قىرغىزستان ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئىشلىتىشىگە قايتا بەرگەن ۋاقىتقا توغرا كەلدى.