مېكىسكىنىڭ شتات باشلىقى چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى خىتايدىن كەلگەن دەپ جاكارلىدى

مېكىسكىنىڭ ۋېراكۇرۇز شتاتىنىڭ باشلىقى فىدېل ھېررېرا دۈشەنبە كۈنى چوشقا زۇكامىنىڭ ۋىرۇسى خىتايدىن كەلگەن دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، بىر مۇنچە ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مېكىسكىدا پارتلىغان چوشقا زۇكامىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلكىنى بايان قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.04.29

خىتاي بۈگۈن مېكىسكىدا پارتلىغان چوشقا زۇكامىنىڭ مەنبەسى خىتايدىن كەلگەن دېگەن ھۆكۈمنى رەت قىلدى ۋە بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ چۇەن بۈگۈنكى باياناتىدا 'بۇ، مەقسەتلىك ھالدا توقۇلغان ئېغۋا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئوبرازىنى بۇلغىغانلىق' ، دەپ نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ باياناتىدا يەنە، 'گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ شىمال تەرەپلىرىدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا B تىپلىق زۇكامغا ئوخشاپ كېتىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئادەتتكى زۇكام' ، 'بىز ھازىر چوشقا زۇكامى تارقالغان ئامېرىكا، مېكىسكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ A/H1N1 بەلگىلىك چوشقا زۇكامىنى تېز بىرتەرەپ قىلىشىغا ياردەملىشىۋاتىمىز' دەپ جاكارلىدى.
 
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2007 ‏ - يىلى خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىىرلىقى كۆك قولاق چوشقىدا كېسەللىك بايقالدى دەپ جاكارلاپ 80 مىڭ چوشقىنى ۋە يەنە باشقا ھايۋاناتلاردىن 235 مىڭنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.