خىتايغا بېرىپ چېن گۇاڭچېڭنى يوقلىماقچى بولغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسىغا ۋىزا بېرىش رەت قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ شەندۇڭغا بېرىپ، نەزەربەند ئاستىدىكى ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى چېن گۇاڭچېڭنى يوقلىماقچى بولغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.11.18

بىراق ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. كىرستوفېر سىمىس ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قارارىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقى، تاكى خىتاي ئەلچىخانىسى زېرىكىپ، ۋىزا بەرگۈچە ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى رەت قىلىنغانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «چەتئەلنىڭ خىتاي ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ: جۇڭگو چەتئەلنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ. جۇڭگو ئۆزىنىڭ ۋىزا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. چەتئەل پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىش‏-بەرمەسلىكنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، دېگەن.

كىرستوفېر سىمىس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئېغىرلىقى بار مۇھىم جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ رەئىسى. كىرستوفېر سىمىس، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن. ئۇ بۇ قېتىم شەندۇڭغا بېرىپ، نەزەربەند ئاستىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنى يوقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.