ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى داۋاملاشماقتا

29-نويابىر كۈنى باشلانغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك يىغىنى بۈگۈن 30-نويابىر كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە داۋاملاشماقتا. 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 30 مىللەتتىن 60 ۋەكىل قاتناشتى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.11.30

يىغىننىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات ئوقۇغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈنۈگۈن رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، دوكلاتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن 14 ماددىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ب د ت ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىمۇ 27-، 28-نويابىر كۈنلىرى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن دولقۇن ئەيسا، ئىلھام مەخمۇت، ئەسقەرجان ۋە مايكول فىللىپس قاتارلىق تۆت كىشىلىك ھەيئەت قاتناشقان. يىغىندا خىتاي ۋەكىلىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي يىغىن رىياسەتچىسى ۋە ئەھلىنىڭ قوللىشى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پروگرامما ياردەمچىسى مايكول فىللىپس ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.