ۋاڭ لېچۈەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

خىتايدا دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى 16 يىلدىن بېرى سوراپ كەلگەن ۋاڭ لېچۈەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن سەپلەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.04.24
Wang-Lechuan-Nur-Bekri-Picharlashmaq-305 ﯞﺍﯓ ﻟﯧﭽﯘﻩﻥ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﺑﻪﻛﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.nytimes.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، Ciaro Cortes iv / Reuters ﻧﯩﯔ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ۋاڭ لېچۈەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش بىلەنلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەسىلىسىنى نېگىزىدىن ھەل قىلىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلارنى كۆچمەن خىتاي رەھبەرلىرى باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىر ۋاڭنى ئالماشتۇرۇش بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ. خىتاي ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك."

ۋاڭ لېچۈەن بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا مۇئاۋىن سېكرېتار قىلىپ يۆتكەلگەن. بۇ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ۋاڭ لېچۈەن 1994 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە باش سېكرېتار قىلىپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىپە تۇتۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىپە تۇتۇش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە 1997 - يىلى بىر قېتىم ۋە 2009 - يىلى بىر قېتىم زور قارشىلىق نامايىشى يۈز بەردى. ھالبۇكى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئىككى قېتىمقى نامايىشلىرىنى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ قاتتىق باستۇرۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قارا قويۇق تۈرمىگە تاشلىغان.

2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدا خىتاي دائىرىلىرى 200 گە يېقىن خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئىككى كۈندىن كېيىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئاخباراتتىن يوشۇرغان ۋە بۇ كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلمىغان ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرىدىن يەنە رازى بولماي ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئىككى قېتىم نامايىش قىلغان.

ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لى جىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىشكە تىرىشقان ئىدى.
 
جۈمە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 9 كىشىلىك دائىمىي ئەزاسى يىغىلىپ شىنجاڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. مەزكۇر يىغىن چاقىرىلىپ ئىككىنچى كۈنى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىق خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەت سەپلىگەن يېڭى سېكرېتارى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىگە قانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.