ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى تۈركلەر بىلەن بىللە ئوقۇدى

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، قۇربان ھېيت نامىزىنى بۈگۈن يەنە سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بۇ يەردىكى تۈرك جامائىتى بىلەن بىللە ئوقۇدى. ناماز ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار، 5 ‏- ئىيۇل شېھىدلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. مەھبۇس ۋە مەھبۇس ئائىلىلىرىگە جانابىي ئاللاھتىن ئاسانلىق تىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.11.16

جامائەت نامازدىن كېيىن ئۆز ‏- ئارا سالاملاشقاندىن كېيىن، ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىللە بولدى. ۋاشىنگىتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقماقتا.

ئۇيغۇرلار 12 ‏- نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىمۇ تۈركلەرنىڭ پائالىيەت زالىدا ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، يېقىنقى بىر قانچە قېتىملىق ھېيت نامازلىرىدا نامايەن بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىدىكى زىچ يېقىنلىشىشقا، ئىككى تەرەپنىڭ دىنىي ۋە ئېتنىك قېرىنداشلىقىدىن باشقا، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەرداغاننىڭ ئۇيغۇلارنى ئاشكارا ۋە قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن قوللىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.