ۋېن جياباۋ ئائىلىسى ئۆزلىرىنىڭ مال-دۇنياسى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇردى

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ مال-دۇنياسى ھەققىدە بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.10.29

خەۋەردە ۋېن جياباۋنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ تېز روناق تاپقانلىقى ۋە زور مىقداردا مال-دۇنيا توپلىغانلىقى پاش قىلىنغان. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ۋېن جياباۋنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ مال دۇنياسىنىڭ قىممىتى 27 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋېن جياباۋ ئائىلىسى ئادۋوكات تۇتۇپ بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارنىڭ ساختا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە بۇ مەلۇماتلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئايدىڭلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر ساختا خەۋەرنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى بىر ئانالىزىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىر خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، بۇ پەقەت، خىتاينىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن بىر ئىشارەت ئىكەن.

خەۋەردە پىكىر بايان قىلغان بىر مۇلاھىزىچى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ مال-دۇنياسىنى ئېنىقلاپ چىققىدەك كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت ۋېن جياباۋنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ يەنى سابىق ئەمەلدارلاردىن بۆ شىلەي تەرەپدارلىرىنىڭ نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.