ۋېن جياباۋ خىتايدىكى تور ئەھلىگە بەرگەن جاۋابىدا 2010 - يىلىدا ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ شەنبە كۈنى خىتايدىكى تور ئەھلىگە بەرگەن جاۋابىدا 2010 - يىلىدا ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.02.27

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە،، ۋە بۇ سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمەت تورىدا ئېلىپ بېرىلغان تور چايخانىسىدا تور ئەھلىگە بىلدۈرگەن.

ۋېن سۆزىدە ئامېرىكا خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنىڭ تەڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى سوغۇقچىلىق ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشقا قارىتا ئالغان چەكلەش تەدبىرلىرىنى بېكار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېقىندىن بېرى ئوتتۇرىغا چىققان گوگۇل مەسىلىسى ۋە خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى قاتارلىقلار تۈپەيلى بىر قەدەر سوغۇقلاشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.