ۋېن جياباۋنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنىڭ 'كەم بولسا بولمايدىغانلىقى' ھەققىدىكى سۆزى دىققەت قوزغىدى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سۆز ئەركىنلىكى ھەر قانداق بىر دۆلەت ئۈچۈن "كەم بولسا بولمايدىغانلىقى" نى ۋە خەلقنىڭ دېموكراتىيىگە بولغان ئارزۇسىنى "توسقىلى بولمايدىغانلىقى" نى تەكىتلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.10.04

ۋېن جياباۋ بۇ سۆزلەرنى CNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى فارېد زەكارىيەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزى شۇ كۈنكى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىندى.

بەزى ئانالىزچىلار ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئەمىلى قىممىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئېغىزىدا، دەپ قويغان سۆزلەر ئىكەنلىكى، بۇ سۆزلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقارمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

گەرچە ۋېن جياباۋ دېموكراتىيە ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى"توسۇۋالغىلى بولمايدىغان" لىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ 2009‏ - 2010 ‏ - يىلدىكى سۆز ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان بىر يىل بولغان ئىدى.
 
ۋېن جياباۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بەزىدە تورغا چىقىپ، تورداشلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قاراتقان شىددەتلىك تەنقىدلىرىنى ئوقۇيدىكەن. لېكىن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خىتاينىڭ ئالغا بېسىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
 
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: "مەن ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭگونىڭ داۋاملىق ئالغا باسىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇنداقلا خەلقنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئېھتىياجى ھەم ئارزۇسىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ." ئۇ يەنە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، سودا، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، پۇل پاخاللىقى ھەم چىرىكلىكنىڭ مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.