ۋېن جياباۋ دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ جۈمە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ 1959 - يىلدىن بېرى ھىندىستاندا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-03-13
Share

لېكىن دالاي لامانىڭ "بۆلگۈنچىلىك داۋاسى" دىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋېن جياباۋ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاپ، "تىبەتنىڭ مۇقىم قەدەم بىلەن ئالغا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى سىياسىتىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا،" دېگەن.

ۋېن جياباۋ خىتاي - تىبەت سۆھبىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ": بۇ تۈرلۈك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە دالاي لامانىڭ سۆھبەتنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا يېتەرلىك سەمىمىيەت كۆرسىتىشىدۇر." ۋېن جياباۋ بۇ سۆزلەرنى خىتاي خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەكىتلىگەن. مەركىزى دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بولسا شۇ كۈنى ۋېن جياباۋنىڭ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دالاي لامانىڭ "ھەر ۋاقىت سۆھبەتكە تەييار" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوڭ رېنپوچى " بۇ بىز قارشى ئالىدىغان بىشارەت. بىز دالاي لاما ھەزرەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىشكە ھەر ۋاقىت تەييار،" دېگەن. دالاي لاما دائىم ھەقىقى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۇنى "بۆلگۈنچىلىك غەرىزى" بار، دەپ ئەيىبلىمەكتە.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت