ۋېنگرىيىدە ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ھون قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار قىزغىن قارشى ئېلىندى

ۋېنگرىيىدە ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ھون قۇرۇلتىيى بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. نەق مەيداندا خەۋەر بېرىۋاتقان مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كۈندىكى پائالىيەتلەرمۇ ئىنتايىن مول ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.08.08

پائالىيەت داۋامىدا قەدىمىي ھون چەۋەندازلىرىدەك كىيىنگەن ئاتلىق قوشۇن پاراتتىن ئۆتكەن ۋە قارچۇغا ئوينىتىش قاتارلىق قەدىمىي شەكىلدىكى ئوۋ قىلىش ماھارەتلىرى كۆرسىتىلگەن.

مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلار ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى ئەزىزلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.