خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزبېكلەرنى قوغداش ھەققىدە چاقىرىق قىلدى

شىتابى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە ئۆزبېك پۇقرالىرىنى قوغداش ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن چېگرىنى ئېچىپ بېرىش ھەققىدە چاقىرىق قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻮﺵ ﯞﻩ ﺟﺎﻻﻟﺌﺎﺑﺎﺩﺗﯩﻜﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ - ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ - ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﭘﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻮﺵ ﯞﻩ ﺟﺎﻻﻟﺌﺎﺑﺎﺩﺗﯩﻜﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ - ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ - ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﭘﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوشتىكى ئېتنىك توقۇنۇش نەتىجىسىدە زور ساندىكى قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى ئۆزبېكلەر تۈركۈم - تۈركۈملەپ، قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان چېگرىسىغا توپلىنىپ، ئۆزبېكىستان تەۋەسىگە ئۆتۈپ پاناھلانماقتا.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف ئوشتىكى بۇ توقۇنۇشقا نىسبەتەن مەيدانىنى ئىپادىلەپ، ئۇنى قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ئىشى دەپ كۆرسەتكەن. بىراق، ئارقىدىن ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئوشتىكى مەزكۇر ئېتنىك توقۇنۇشقا جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقى ئۆزبېك شۆبىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپتە ئۆزبېكىستان تەرەپ چېگرىنى ئاچمىغان. بىراق كېيىن چېگرىنى ئېچىپ، مۇساپىرلارنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ھەمدە زور ساندىكى ئۆزبېك مۇساپىرلىرى، ئاساسلىقى، قېرى - چۆرىلەر، ئاياللار ۋە بالىلار ئۆزبېكىستان تەۋەسىگە ئۆتۈپ كەتكەن. ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار بولسا، ئوشتا قالغان.

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئوشتىن قېچىپ ئۆتكەن مۇساپىرلار، ئەنجان شەھىرى يېنىدىكى ئالدىنئالا تەييارلانغان ئۈچ مۇساپىرلار لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەرگە تەخمىنەن 3000 ئەتراپىدا ئادەم سىغىدىكەن. مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسىمنى ئەنجاندىكى تۇغقانلىرى ئېلىپ كەتكەن، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى يوقلىرى لاگېردا داۋاملىق تۇرىدىكەن.

ئۆزبېكىستان قوشۇنلىرى چېگرىدا چارلاشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا قىرغىزىستان چېگرا قوغدىغۇچىلىرىغا ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان تەۋەسىگە قېچىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن چېگرىنى ئېچىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەن.
 
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بىشكەككە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بىشكەككە كېلىشكە تەرەددۇت قىلماقتا ئىكەن.

سابىق قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوشتىكى مىللىي توقۇنۇش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېلان قىلىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىنى ئۆزىگە ئارتىشىنى ئىنكار قىلغان.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت