'شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى' ئىقتىسادى گۈللىنىش ئارقىلىق ئېتنىك مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى

"خەلق گېزىتى" جۈمە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلار كابىنېتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخىرلاشقان "شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى" ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادى گۈللىنىش ئارقىلىق ئېتنىك مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خۇ جىنتاۋ يىغىندا دائىرىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسى ئەسلىھە، كېڭىيىش ئىقتىدارى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى 5 يىل ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە چاقىرغان.

"خەلق گېزىتى"نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خۇ جىنتاۋنىڭ يەنە رايوندا "بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى يەنىلا مەۋجۇت... جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە تەرەققىياتنى تېز ئالغا سۈرۈش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان قوش ۋەزىپە" دېگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ "نەزەر" ھەپتىلىك ژورنىلى يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى "بۆلگۈنچىلىك، سىڭىپ كىرىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش"نىڭ قورالى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ يىغىن توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە ھوقۇق خەنزۇلارنىڭ چاڭگىلىدىكى "شىنجاڭ" دا مەركەزنىڭ تەرەققىيات پىلانىدىن ئۇيغۇرلارنى قانداق بەھرىمان قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت